خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ قېتىمقى ھادىسىنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا 40 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋېنجۇ پويىز ۋەقەسىگە ئوخشاشلا، پويىز سىگنال سىستېمىسىدىكى كاشىلا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى ھادىسىدە 260 يولۇچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئەمما بۇ قېتىم ئېغىر يارىلانغانلار ئاز بولغانلىقىنى، ھازىرغا قەدەر ئۆلۈپ كەتكەنلەر يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ شاڭخەيدىن خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە يارىلانغانلار 270 تىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بىر قىسىم يولۇچىلارنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.
بۇ يىل 7-ئايدا ۋېنجۇدا يۈز بەرگەن تېز پويىز ۋەقەسى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتكەن ئىدى.
شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان نەچچە ئون ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ھەم تۆمۈريول سىستېمىسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان چىرىكلىك، پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.