روزا ھېيت ھارپىسىدا ئىسمائىل تىلىۋالدى قەشقەردە مۇقىملىقنى تەكشۈردى

ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ھازىر خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدە ئولتۇرغان ئىسمائىل تىلىۋالدى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەم دىنىي ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان روزا ھېيتى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا مەخسۇس مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايىتىگە بارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.09.30

ئىسمائىل تىلىۋالدى قەشقەردە ئاساسلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك 6 - ئوتتۇرا مەكتەپ، كونا شەھەر ناھىيىلىك 1 - ۋە 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ " شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇقىملىقى كەلگۈسىدە مائارىپقا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، " دەپ سۆزلىگەن.

ئۇ، ھېيتگاھ مەسچىتى قاتارلىق جامئەلەردىمۇ مەخسۇس زىيارەتتە بولۇپ، جۈمە داموللا قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا قەشقەرنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە تۆھپە قوشقانلىقىغا رەخمەت ئېيتقان ھەمدە قەشقەردىكى زىيارىتى داۋامىدا بۇ خىل ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات، مىللىي ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ھەمدە مىللىي كادىرلارغا قەشقەردىن ئىبارەت مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۈرلۈك مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، "مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ" دەيدىغان ئىدىيە بىلەن زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.

ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ بۇ قېتىمقى قەشقەر زىيارىتى قەشقەردە مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھەسسىلەپ كۈچەيتىلگەن، مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەردە "ئۈچ خىل كۈچلەر"گە قارشى سىياسىي ئىدېئولوگىيە بويىچە تەربىيىلەش باشلانغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە 4 - ئاۋغۇست ۋە 12 - ئاۋغۇست ۋەقەلىرىدىن كېيىن مۇقىملىق باھانىسىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي ھەمدە دىنىي بېسىملارنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.