قەشقەردە 33 ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا
2012.06.28
بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، قەشقەردە يېقىندا ئەڭ ئاز دېگەندە 33 كىشىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش نامى ئاستىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 4 ئايالنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشىلەر قەشقەر ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردە پەيشەنبە كۈنى باشلانغان سودا يەرمەنكىسىنىڭ ھارپىسىدا، يەرمەنكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تۇتقۇن قىلىش، تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا بۆلگۈنچىلىككە ئائىت ماتېرىياللارنى تارقىتىش ۋە دىنىي قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت قىلىش نامى ئاستىدا قولغا ئېلىنغان.
رادىئويىمىزنىڭ قەشقەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، قەشقەردىكى بەزى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشىلەر تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى بولغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئۇلار يەنە قەشقەردە ھازىر ساقچىلارنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ قەشقەرگە كىرىپ-چىقىدىغان ئېغىزلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى قاتتىق تەكشۈرگەندىن سىرت، خىتايلارنىڭمۇ كىملىكىنى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.