قەشقەر يەرلىك پارتكوم يېڭىساردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلمىدى

شىنخۇا تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تېز قۇتقۇزۇش خادىملىرى 2 ‏- مارت كۈنى كەچ سائەت 22 دە، يېڭىساردىكى 315‏ - نومۇرلۇق تاشيول بويىدىكى سۇ ئامبىرىدىن بىر بولكىۋاينى ۋە بەش ئادەمنىڭ جەسىتىنى سۈزۈپ چىققان.

سۈزۈۋېلىنغان جەسەتلەرنىڭ ئىچىدە 21 كۈنلۈك بىر بوۋاق بار ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ دېلو ھازىر تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.

قەشقەر يەرلىك پارتكوم ئىشخانىسى بۇ ۋەقە ھەققىدە 'تۈنۈگۈن كەچ سائەت 21 دە، ئىچىدە بەش ئادەم بار بىر بولكىۋاي تاشيولدا ۋەقەگە ئۇچراپ، يېڭىساردىكى بۇ سۇ ئامبىرىغا چۈشۈپ كەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن ھامان، يېڭىسار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت نەق مەيدانغا قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ئەۋەتكەن' دېگەندىن باشقا تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلمىغان.