خىتاي پەيزىۋات ناھىيىسىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى ۋە 5 ‏- ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى قىرغىچىلىقىدىن كېيىنمۇ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىدىن يەنە ۋاز كەچمىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-08-07
Share

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدىن يەنە 189 نەپەر ئۇيغۇر قىزنى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىگە يولغا سالغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە"بۇ، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۆلكە - شەھەرلەرگە يولغا سالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىشلەمچىلەر" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىدىكى ئۆلكە - شەھەرلەرگە يولغا سېلىش سىياسىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

بۇ سىياسەت شاۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا شۇنداقلا شاۋگۈەن ۋەقەسى 5 - ئىيۇلدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغان ئىدى.

پەيزىۋات ناھىيىلىك پارتكوم دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 5 - ئاۋغۇست كۈنى جېجياڭغا يولغا سېلىنغان بۇ ئۇيغۇر قىزلار بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەزكۇر ناھىيىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىنغان 23 ‏- تۈركۈمدىكى ئىشلەمچىلەر ئىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەزكۇر ناھىيىدىن جەمئىي 4300 نەپەر ئىشلەمچىنىڭ ئىچكىرىدىكى 7 ئۆلكىگە يولغا سېلىنغانلىقىنى، يېقىنقى 3 يىلدا يولغا سېلىنغانلارنىڭ 19 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت