قۇربان ھېيتقا تەييارلىق قىلىنماقتا

مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ھېيتلىرىدىن بىرى بولغان قۇربان ھېيتى يېقىنلىشىپ قالماقتا. قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ 11 - ئاينىڭ 15 - ياكى 16 - چېسلاسىنىڭ قايسىسىدا ئوقۇلۇش مەسىلىسىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قىسمەن ئوخشىمىغان پەرەزلەر بار ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010.11.07

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ 16 - نويابىر كۈنى ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىمۇ ئۇچۇر تارقىتىپ، خىتاي تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانلارغا ناماز كۈنى ھەققىدە بىشارەت بەرگەن.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى تۈرك جامائىتىنىڭ مەسچىتىدىمۇ، ئۆتكەن جۈمە كۈنى، قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئامېرىكىدا 16 - نويابىر كۈنى ئوقۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنىپ، بارلىق تۈرك، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان جامائەتلىرى بىرلىكتە ناماز ئوقۇشقا چاقىرىلغان.

فەئىرفەكىس شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىمى بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈركلەر بىلەن بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇپ، ھېيتنى تەبرىكلىمەكتە.  فەئىرفەكىس شەھىرىدە ياشايدىغان بىر مويسىپىتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبتە تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىقى، تىل ۋە تارىخى ئورتاقلىقى ھەم يېقىنلىقى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تۈرك ئىمامنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئاساسەن چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە، ئۆتكەن يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرغان.

بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتىمۇ باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىككى مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ مەككە ۋە مەدىنىگە جەم بولغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن زادى قانچىلىك ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ھەج قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىر دىنىي زات پاسپورت ئېلىش قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي يوللار بىلەن ھەج پائالىيىتى قىلىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.