بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باقىيېف بۇ سۆزنى جالالئاباد ئوبلاستىغا جايلاشقان ئۆز يېزىسى تېيتتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېيتقان بولۇپ، ئۇ، "ئەگەر مېنىڭ ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنسا، مەن پېنسىيىگە چىقىمەن،" دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇ يەنە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى روزا ئوتۇنبايېۋانى ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايغا كېلىپ، ئۆزى بىلەن سۆزلىشىشىنى ھەمدە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بىراق، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە، قىرغىزىستان ۋەزىيىتى مۇقىملاشقان بولسىمۇ، لېكىن باقىيېفنىڭ ئىستىپا بەرمەسلىكى يەنىلا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.