ياپونىيە ھازىر قىرغاقلارغا رادىئاكتىپ ماددىلارنى سۈمۈرىدىغان مىنېرال تۆكۈشكە باشلىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە ئۆتكەن ئايدا يەر تەۋرەپ دېڭىز تاشقاندا زەخىملەنگەن يادرو رېئاكتورلىرىنىڭ قالدۇق مەسىلىلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن، قىرغاقلارغا رادىئالتىپلانغان سۇدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى سۈمۈرىدىغان مىنېراللارنى تۆكۈشكە باشلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.04.16

توكيو ئېلېكتر شىركىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، 11‏-مارت كۈنى فۇكۇشۇمادا دەھشەتلىك يەر تەۋرەپ دېڭىز تاشقاندا زەخىملەنگەن يادرو رېئاكتورلىرىنىڭ ئەتراپىدا رادىئالتىپلانغان سۇنى سۈزۈش ئۈچۈن، ياپونىيە ھازىر قىرغاقلارغا كۆپلەپ زىئولىت مېنېراللىرىنى تۆكۈۋاتىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىلىشىچە، ھازىر ياپونىيە سۇدىكى رادىئاكتىپ ماددىلارنى سۈزۈش ئۈچۈن قوللانغان قىرغاقلارغا زىئولىت مىنېراللارنى تۆكۈش تەدبىرىنى، ئامېرىكا 1979‏-يىلى ئۈچ چاقىرىملىق ئارالدا ۋەقە يۈز بەرگەندە قوللىنىپ ئۈنۈم قازانغان ئىدى.

ياپونىيە ھازىر، رادىئاكتىپلانغاندىن كېيىن تىنچ ئوكيانغا قۇيۇلغان زەھەرلىك سۇدىكى، رادىئالتىپ ماددىلارنى سۈمۈرۈۋېلىش ئۈچۈن قوللانغان بۇ تەدبىرىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.