مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە نامايىش ۋە قان تۆكۈلۈشلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك بولۇپ تۇرۇۋاتقان سۈرىيە ھۆكۈمىتى رامزان مەزگىلدىكى تەراۋىھ نامىزىدىن بەكلا ئەنسىرىمەكتە ئىكەن.
«سۈرىيە ئىنقىلابى 2011ش» ناملىق پائالىيەتچىلەرنىڭ فاچەبووك گۇرۇپپىسى رامزاندا ھەر كۈنى كەچتە ئوقۇلىدىغان تەراۋىھ نامىزى ئارقىلىق نامايىش قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
بۇ خىلدىكى ئەنسىرەش مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، يەمەن، ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىسى پرېزىدېنتى شەيخ خەلىپە بىن زەيەن ئەل ناھايان رامزان مەزگىلىدە ھۆكۈمەت گۈرۈچ باھاسىنىڭ يېرىمىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، قاتاردىكى «ئىسلامتورىدا» ناملىق تور بېكىتىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇللا ئەل ئەمەدى يىللارىدىن بېرى رامزاننىڭ ئىنقىلاب ۋە غەلبە-نۇسرەت كۆپ كۆرۈنگەن ئايلاردىن بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: مەنچە بۇ رامزان «ئەرەب باھارى» ياشلىرىنى ئۇلار ئادالەتسىزلىك ۋە مۇستەبىتلىككە قارشى باشلىغان ئىنقىلابنى تاماملاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.