رۇسىيە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن پورت شەھىرى پۇتى ئەتراپىدىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرگەن

رۇسىيە، گروزىيە بىلەن ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن شەنبە كۈنى گروزىيىنىڭ قارا دېڭىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق پورتى ھېسابلانغان پۇتى شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى ھەربىي قىسىملىرى چېكىندۈرگەن. فرانسىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىمزالانغان مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن رۇسىيە رايوندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى 15 سېنتەبىر كۈنىگىچە رايوندىن چېكىندۈرۈپ چىقىشى كېرەك ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.09.13

 گروزىيە ھۆكۈمىتى، رۇسىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەقدىرلىدى ھەمدە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغىمۇ ئەمەل قىلىپ، بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن 10 ئۆكتەبىر كۈنىگىچە، گروزىيىنىڭ ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيە رايونى سىرتىدىكى گروزىيە تېررىتورىيىسىدىن ھەربىي قىسىملىرىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىدا روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ گرۇزىيە بىلەن ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە تولۇق رىئايە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلاردىن مەسئۇل ئالىي خادىمى خاۋەر سولانا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىپ - قىلمىغانلىقىنى كۈزۈتىش ئۈچۈن، ئۆكتەبىر ئېتىدىن بۇرۇن گرۇزىيىگە 200 كىشىلىك بىر ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كۈزەتكۈچى ئەترىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۆتكەن ئاي، گروزىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسسېتىيە رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلاتقان ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى، گرۇزىيىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك بىر ھەربىي ھەرىكەت باشلاتقان رۇسىيە، گروزىيىنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىنى ئىشغال قىلغان ئىدى.
 
لېكىن بۇ ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە خەلقئارا جامائەت بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان رۇسىيە، ئۆتكەن دۈشەنبە يەنى 8‏ - سېنتەبىر كۈنى ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيە سىرتىدىكى گروزىيە تېررىتورىيىسىدىن ھەربىي قىسىملىرىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئىدى.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.