رۇسىيە كوممۇنىستلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشەنمەكتە

موسكۋا ئېچىلغان پۈتۈن رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ 13 - قۇرۇلتىيىدا كوممۇنىستلار قانداق قىلغاندا رۇسىيىنى ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.30

ئىتارتاسنىڭ يېزىشىچە، كومپارتىيىنىڭ داھىيسى زھۇگانوف رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، پۇتىن ھۆكۈمىتىنىڭ خەلققە كۆپ ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىرىنىڭ ئازلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە رۇسىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى بارلىق بەدەللەر بىلەن قوغداش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
 
زھۇگانوف يەنىلا كومپارتىيە ئەزالىرىنى ئۆزگىرىشكە تەييار بولۇش، ۋاقتى كەلسە قايتىدىن رۇسىيە ھاكىمىيىتىنى قولغا ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرغان،  شۇنىڭدەك كاپىتالىزم ھامان يوقىلىدۇ، سوتسىيالىزم غەلىبە قىلىدۇ، دېگەن نەزەرىيىنى ئىلگىرى سۈرگەن. زھۇگانوف دادىللىق بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قايتا تىرىلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن
 
ئەينى ۋاقىتتا سابىق رۇسىيە پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن كومپارتىيىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغان ھەم كېيىن ئۇنىڭ پائالىيىتىگە يول قويغان ئىدى. كومپارتىيە رۇسىيە پارلامېنتىدىكى مۇھىم پارتىيە بولسىمۇ، بىراق ھاكىمىيەتنى ئىگىلەشتىن ھازىرچە يىراق تۇرماقتا.

كومپارتىيىنىڭ پارلامېنتتىكى ئورنىمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن. كومپارتىيە داھىيسى زھۇگانوف بىر قانچە قېتىم پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىپ، مەغلۇپ بولغان. كومپارتىيىگە كۆپىنچە قېرىلار ئەزا بولغان. يېڭى رۇسىيە ياشلىرى بولسا پۈتۈنلەي باشقا ئېقىمدا ئىكەن.

بۇ قۇرۇلتايدا ھەتتا كوممۇنىست رەھبەرلىرى ستالىننى مەدھىيىلەپ، بەزى شەھەرلەرنىڭ لېنىنگراد ۋە ستالىنگراد دېگەن ناملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.