رۇسىيىدە چەتئەللىكلەرنىڭ سانى ئازلىتىلدى

رۇسىيىنىڭ "گازەتا.رۇ" تورىنىڭ يېزىشىچە، بۇ يىل رۇسىيىدىكى چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ سانى بىراقلا ئازلاپ، 5مىليون 400 مىڭ ئەتراپىغا چۈشكەن. بىراق ئۆتكەن يىلى رۇسىيىدە تۇرىۋاتقان چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ سانى 13 مىليونغا يەتكەن ئىكەن.

بۇ سانلىق مەلۇماتنى رۇسىيە فېدېرال كۆچمەنلەر ئىدارىسى مەلۇم قىلغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ مەزكۇر ئورگىنىنىڭ بىر رەھبىرى رۇسىيىدىكى چەتئەللىكلەرنىڭ سانىنىڭ بىراقلا ئازلاپ كېتىشىدە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئىش بىلەن تەمىنلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قوللانغان قاتتىق چارىلىرى سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە رۇسىيىگە ئىشلەشكە كەلمەكچى بولغانلار 22% تۆۋەنلىگەن. رۇسىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيىگە ئىشلەشكە كەلمەكچى بولغان چەتئەل پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى قاتتىق قامال قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 23 مىڭ چەت ئەللىك قوغلاپ چىقىرىلغان ئىكەن.

تېخى يېقىندىلا رۇسىيە ساقچى ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرى دائىرىلىرى موسكۋا شەھىرىدىكى چەركىزوۋسكىي قاتارلىق بازارلارنى تاقاپ، ئۇ يەردىكى قانۇنسىز خىتاي پۇقرالىرىنى قوغلاپ چىقارغان ھەتتا قانۇنسىز ماللىرىنى مۇسادىرە قىلغان ئىدى.

چۈنكى، يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەردىكى چوڭ - كىچىك شەھەرلەردىكى بازارلارنى خىتاي، ۋيېتنام ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەن سودىگەرلەر كونترول قىلغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيىلىكلەردە كۈچلۈك نارازىلىق كەيپىياتى شەكىللەنگەن ھەمدە رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونلىرىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ تېز ئېشىشى رۇسىيە مىللەتچىلىرى ۋە سىياسىيونلىرى ئەندىشىگە سالغان ئىدى.