ساختا پاسپورت بېجىرگۈچى جاۋ، خوتەنلىك 11 ئۇيغۇرنىڭ 330 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالدى

بۇ يىل 6-ئايدا خوتەندە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار قازاقىستانغا چىقماقچى بولۇپ، ئۈرۈمچىدە مۇناسىۋەت تورى بولغان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىدىن ياردەم سورىغان.

بۇ ئۇيغۇر تىجارەتچى ئۈرۈمچىدىكى جاۋ فامىلىلىك بىر خىتاي بىلەن بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، 11 نەپەر يۇرتدىشىغا پاسپورت پۈتتۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ۋە ئۇلاردىن 330 مىڭ يۈەن پۇل ئالغان. 11 نەپەر ئۇيغۇر پاسپورتلىرىنى ئېلىپ چەتئەلگە چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىۋاتقاندا، پاسپورتلىرىنىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلانغان.

قانۇن ئورۇنلىرى ساختا پاسپورت ياسىغان جاۋنى تۇتقاندا، 330 مىڭ يۈەن پۇلنى ئاللىقاچان خەجلەپ بولغانلىقى مەلۇم بولغان.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، خىتايدا پۇقرالارغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى پۈتتۈرسە پاسپورتنىڭ 15 كۈندە پۈتىدىغانلىقى ۋە پەقەت 200 يۈەن رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ ئارقىلىق خەۋەردە دۆلەتنىڭ پاسپورت ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرغانلىقى، ئەمما قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاقتى-سوقتى قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەمما، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا پاسپورت رەسمىيەتلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ تىجارىتىگە يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل شەكىلدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشىغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى خەۋەردە پەدەزلەپ ئۆتۈپ كېتىلگەن.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پاسپورت رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرۈش ئىنتايىن قىيىن ۋە مۇرەككەپ.

15 كۈندە پاسپورت پۈتتۈرۈش خىتاي ئۆلكىلىرىدىلا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر تۈزۈم. ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 15 كۈندە پاسپورتنى قولغا ئالغانلارنى ئۇچرىتىش تەس.