سايرام كۆلىنىڭ مۇھىتى بۇلغانماقتا

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى تەبئىي مەنزىرىلىك رايون بولغان سايرام كۆلىنىڭ مۇھىتى ئېغىر بۇلغانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ساياھەتچىلەرنىڭ، كۆل بويىغا سېلىنغان ئاشخانا، مېھمانخانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن بۇ ئورۇنلاردىن چىقىۋاتقان ئەخلەتلەر ئوت - چۆپلەرنى قاپلاپ كەتكەن. ئەخلەت توشۇپ كەتكەن يەرلەردىكى ئوت - چۆپلەر قۇرۇشقا باشلىغان.

تەڭرىتاغ تور بېتىدە بۇندىن ئىلگىرى بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان داڭلىق كۆللەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان. مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 26 كۆل ۋە دەريادا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇلارنىڭ سۇ سۈپىتى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە ئومۇميۈزلۈك ناچار چىققان بولۇپ، باغراش كۆلى، تۈمەن دەرياسى، سايرام ھەمدە قاناس كۆللىرىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىلىرى بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سۇ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىل، مۇھىت قوغداش قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنىڭ ياخشى ئىجرا قىلىنماسلىقى، تەبئىي مۇھىتنى قوغداشقا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى ئىكەن.