شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا
2012.06.03
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى ئالدى بىلەن خىتايدا رەسمىي زىيارەتلەردە بولىدۇ شۇنىڭدەك ئۇلار بىر - بىرى بىلەن بېيجىڭدا ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزىدۇ.
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن سەيشەنبە كۈنى خىتاينى رەسمىي زىيارەت قىلىپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باشقىلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە بېيجىڭدا ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات ۋە ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي بىلەن رەسمىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىكەن.
بۇ قېتىمقى يىغىندا تۈركىيىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىشى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. فەرغانە تورىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە ۋە قازاقىستان تۈركىيىنىڭ كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى قوللىغان.
شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ 12 - قېتىملىق يىغىنىدا يەنە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش تېمىلىرىنىڭ يەنىلا ھالقىلىق نۇقتا بولىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.