شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېلەر ئايدا قازاقىستاندا تېررورلۇققا قارشى مانىۋېر ئۆتكۈزمەكچى

خەلقئارا خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېلەر ئايدا قازاقىستاننىڭ ماتىبۇلاق دېگەن جايىدا تېررورلۇققا قارشى مانىۋېر ئۆتكۈزمەكچى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.08.17

مانىۋېرغا، خىتاي، قازاقىستان، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئىشتىراك قىلىدۇ.

مانېۋېر 19 ‏- سېنتەبىردىن 25 ‏- سېنتەبىرگە قەدەر 6 كۈن داۋام قىلىدۇ. خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى مانېۋېر ھەققىدە بايانات بېرىپ، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، رادىكاللىققا قارشى ئورتاق كۈچ كۆرسىتىش دەپ چۈشەندۈرگەن. بىراق، ئاساسلىق كۆچ كۆرسىتىلىۋاتقان تەرەپنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالمىغان.

پەنتاگان ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان خىتاي ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ئارقا تېرەكلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قارىتا رايون خاراكتېرلىك ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن نيۇيوركتىكى ياۋروئاسىيا تەتقىقات ئورنىمۇ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە زەربە بېرىشنى ئاساسى نىشان قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى، 2005 ‏- يىلى باشلانغان ۋە ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. يەنى ئاخىرقىسى 2009 ‏- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن. مانىۋېرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بايقالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.