شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا قىرغىز مىللىتىدىن بولغان كىشى تەيىنلەندى

يېقىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارىنى بېكىتىشتە قىرغىزستانلىق سىياسىيون ۋە دىپلومات مۇراتبېك ئىمانالىيېۋ تاللىنىپ، رەسمىي تۈردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىنى خىتاي تەرەپتىن جاڭ دېگۇئاڭ ئاتقۇرغان ئىدى.

مەركىزىي ئاسىيا تورىنىڭ يېزىشىچە، قىرغىزىستانلىق 53 ياشلىق دىپلومات مۇراتبېك ئىمانالىيېۋ رۇسىيە مۇخبىرى ئاركادىي دۇبنوۋنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا - ئافرىقا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەنلىكىنى ۋە خىتاي تىلىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ قىرغىزىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان ھەمدە سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە ئىككى نۆۋەت قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى مۇھىم ۋەزىپىگە ئولتۇرىشىدا ھازىرقى پرېزىدېنت قۇرمانبەك باقىيېۋ ئۇنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن.

قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، مۇراتبېك ئىمانالىيېۋ قىرغىزىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خىتاي بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش تەرەپدارى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ خىتاي تىلىنى ياخشى بىلىدىغانلىقى ھەمدە خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەردىكى دىپلوماتلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ كۆپ دوستلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە رۇس تىلىنىڭ قىرغىزىستاندا مۇھىم دەپ قارىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.