خەۋەردە نەقىل ئېلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شىيې لىڭلى، نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ شاڭخەي شەھىرىدە شەرتى توشقان ئائىلىلەرنى ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇنداق بولغاندا شەھەر نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىپ كېتىپ، ئەمگەك كۈچى ئازلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدىغانلىقىلى بىلدۈرگەن.
خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ قاتتىق يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2006 - يىلى 28 - مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە مەزكۇر سىياسەت يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان 3 مىليون ئادەم كەم تۇغۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، شەھەر نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتىنى ئاساس قىلىپ، خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلەپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخىمۇ قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇلماقتا.