شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى ئاساسىي قانۇن يولغا قويماقچى

15 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى، 10 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى شەكلىدىكى بىر ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي گەۋدە قۇرۇپ چىقىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتاغا يىغىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.12.15

"شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى" 2007 - يىلى نويابىردا ئۆز بىرلىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى (ياكى نىزامنامىسىنى) ئىمزالاپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك يىغىلىش مەزكۇر ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

مەزكۇر بىرلىك ئىمزالاپ بېكىتكەن ئاساسىي قانۇندا، ئەزا دۆلەتلەر نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىلغان بولسا يەنە، ئۆز بىرلىكىگە تەۋە بىر كىشىلىك ھوقۇق سوتى قۇرۇپ چىقىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

B B C دا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە " شەرقىي جەنۇبى ئاسىيە ئەللىرى بىرلىكى" يولغا قويماقچى بولغان ئاساسىي قانۇن، مەزكۇر بىرلىكنىڭ 40 يىللىق تارىخىدىكى مۇھىم بىر سەھىپە ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بۇ ئاساسىي قانۇن ئەزا دۆلەتلەردە مەۋجۇت مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالمايدىكەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.