شىمالىي كورىيە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى

جەنۇبىي كورىيىدىكى yonhap خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە سەيشەنبە كۈنى قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان.

جەنۇبىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شىمالىي كورىيە ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ، ئۇنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي مەشىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە يەنە كېلىشەلمەسلىك كېلىپ چىققان، بۇنىڭغا شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو بازىلىرىنى ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشىگە يول قويماسلىقى ھەم ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىنى تېررورچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتمىگەنلىكى سەۋەب بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شىمالىي كورىيە 1998 ‏ - يىلى ياپونىيىنى نىشانلىغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان. 2006 ‏ - يىلى ئېلىپ بارغان يەنە بىر قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان ئىدى.

بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، شىمالىي كورىيىنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشى، شەرقى ئاسىيا ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە پايدىسىز دەپ ئاگاھلاندۇردى.