خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 27 مىڭغا يەتكۈزۈلمەكچى

خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى تۇنجى قېتىم 2000-يىلى تەسىس قىلغان ۋە شۇ يىلى 1000 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى قوبۇل قىلىدىغان سانى يىلمۇ-يىل ئېشىپ، بۇ يىلغا كەلگەندە 8300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.

بۇ پىلان بويىچە، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان شەھەرلەر 44 تىن 45 كە، بۇ شەھەرلەردىكى ئومۇمى سىنىپ سانى بولسا، 76 دىن 85 كە يەتكۈزۈلدى؛ ئومۇمى ئوقۇغۇچى سانى بولسا 27 مىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ.

بۈگۈن تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەزكۇر سىنىپلارنىڭ تېزلىكتە كېڭەيتىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان غەمخورلۇق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان. ئەمما مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئالدىنقى يىلى، ئانا تىلىنى چەتكە قاققان ھەرقانداق بىر مائارىپتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر سىنىپلارنى تەسىس قىلىشتا، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ مىللىي ئېڭىنى سۇسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنى كۆزلىمەكتە.

بەزى چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ نۇقتىدا چوتنى خاتا سوقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئالجىرىيىنى فرانسىيە مۇستەملىكىسىدىن ئازاد قىلغانلارنىڭ ئانا تىلىدا تەلىم ئالغانلار ئەمەس، بەلكى فرانسۇزچە تەلىم ئالغانلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.