شۋېتسىيىدە بىر ئۇيغۇر جاسۇس قولغا چۈشتى

شۋېتسىيىدە يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلغان بىر ئۇيغۇر جاسۇس قولغا چۈشكەن بولۇپ، شىۋېتسيە ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا مەزكۇر جاسۇس 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرى شۋېتسىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن ۋە 2002 - يىلى شىۋېتسيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.06.08

شۋېتسىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىنىڭ 5 - ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، باش قارىلىغۇچى توماس لىندستراندنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر جاسۇس 2008 - يىلى يانۋاردىن بۇ يىل ئىيۇننىڭ 3 - كۈنىگىچە جاسۇسلۇق جىنايىتى سادىر قىلدى دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان.

ئەمما لىندستراند ئەپەندى مەزكۇر ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت جامائىتى ئۈستىدىن ئىشپىيونلۇق قىلغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، مەسىلىنىڭ سەل مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە "چۈنكى بۇ پەقەت شۋېتسىيىگە قارشى ھەرىكەتلەرگىلا چېتىشلىق ئەمەس. ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئالاقىچى شېرىكلىرى بار" دېگەن، ئەمما مەزكۇرنىڭ ئىسىمىنى ئاشكارىلىمىغان.

بۇ دېلوغا ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن خىتايغا ئىشلەپ كەلگەن ئۇيغۇر ئىشپىيون خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.