ئوباما سىيرەك توپا مەسىلىسىدە خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنىدۇ
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.03.14
2012.03.14
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئاقساراي تۈنۈگۈن خىتاينى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ جاكارلىدى. ياۋروپا بىرلىكى، ياپونىيىلەرمۇ سىيرەك توپا مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا ئوخشاش قارار چىقىرىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاي ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشقا تەييارلاندى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر پۈتۈن دۇنيا قوللىنىۋاتقان سىيرەك توپىنىڭ 95% ئى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھازىر ئەسلىدە كېلىشكەن باھاغا ئەمەل قىلمايلا قالماستىن، بەلكى سىيرەك توپىغا ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە نورما بەلگىلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
سىيرەك توپىنىڭ تەركىبىدە 17 خىل ئالاھىدە مېتال بار. ئۇ، كۆچمە تېلېفون، باتارېيە، ھەتتا يېقىلغۇ بىلەن ياكى ئېلېكتر قۇۋۋىتى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈنمۇ كەم بولسا بولمايدىغان خام ئەشيا.