ئۇ، پارىژدا چاقىرىلغان« سۈرىيە دوستلىرى» نىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئەسكەرتىپ: سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا بۇ يىغىنىغا قاتنىشىپ قويۇشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدۇ. ھالبۇكى، مەن سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى ئەسكەرتمەكچىمەنكى، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ، ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىن بىر يولى، بۇ سورۇندىكى ھەر بىر دۆلەت دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش. چۈنكى بۇ ئىككى دۆلەت ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلماقتا. بۇنىڭغا داۋاملىق سۈكۈت قىلىۋېرىشكە بولمايدۇ، دېگەن.
بۇ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ھازىرغا قەدەر رۇسىيە بىلەن خىتايغا قىلغان ئەڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى.
كلىنتون خانىم يەنە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دەرھال سۈرىيە ھەققىدە قارار چىقىرىشىنى، ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 7-ماددىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 7-ماددا سودا، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئېمبارگو قاتارلىق نۇرغۇن تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى پارىژ يىغىنى چاقىرىلغان شۇ كۈنى، سۈرىيە جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىنىڭ بىرى، مەناف تلاسنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ئۇ ھازىرغا قەدەر چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ، ئۆكتىچىلەر سېپىگە قوشۇلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سۈرىيە ھەربىي ئەمەلدارى.