تاجىكىستان ھۆكۈمىتى مەكتەپلەرگە ئىسلام دەرسى كىرگۈزدى

تاجىكىستان مۇستەقىل بولۇپ، 18 يىلىدىن كېيىنكى بۇ كۈنلەردە مائارىپ ساھەسىدە يەنە بىر يېڭىلىق پەيدا قىلغان. ئۇ بولسىمۇ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە رەسمىي تۈردە "ئىسلام مەرىپەتى" دەپ ئاتالغان بىر دىنىي دەرسنى تەسىس قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.09.20

ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەكتەپلەردىكى بۇ دەرسلەرنى ئىسلامشۇناس ئوقۇتقۇچىلار ئەمەس، بەلكى موللىلار بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ دەرسلەرنى ئۆتىدىغان مەخسۇس مەدرىستە ئوقۇغان موللىلارنىڭ ئالدى بىلەن پېداگوگىكىلىق تەربىيە كۆرۈشى كېرەكلىكى تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، مەكتەپلەردە مەخسۇس ئىسلام دەرسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىدىكى سەۋەب نۆۋەتتە، تاجىكىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ياشلارنىڭ ھەر خىل دىنىي ئېقىملارغا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
    
ھازىرچە "ئىسلام مەرىپەتى" دەپ ئاتالغان مەزكۇر دەرس پەقەتلا تاجىك مەكتەپلىرىنىڭ يۇقىرى سىنىپلىرىدا ئۆتۈلمەكتە ئىكەن. كەلگۈسىدە بۇ دەرسلىك ھەرقايسى مەكتەپلەردە دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قېتى نەزەر دائىملىق دەرس سۇپىتىدە ئۆتكۈزىلىدىكەن.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.