تارىم ئويمانلىقىدا يەنە يېڭى تەبىئىي گاز مەنبەسى تېپىلدى

خىتاينىڭ تارىم نېفىتلىكىنىڭ تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى يېقىندا تارىم ئويمانلىقى رايونىدىن يەنە زور مىقداردىكى زاپاسقا ئىگە يېڭى تەبىئىي گاز مەنبەلىرى تاپقان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يېڭى تېپىلغان تەبىئىي گاز مەنبەسى ئىككى جايدا بايقالغان بولۇپ، بۇلاردىكى تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى 100 مىليارد كۇبمېتىردىن ئارتۇق ئىكەن.

تارىم نېفىتلىكى يەنە كۇچار، ئوتتۇرا تارىم ۋە شىمالىي تارىم رايونلىرىدا تەبىئىي گاز ۋە نېفىت زاپاسلىرىنى ئۈزلۈكسىز قىدىرىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتمەكتە. كېلا - 2 ناملىق تەبىئىي گازلىق نۆۋەتتە خىتاي بويىچە ئەڭ مۇھىم تەبىئىي گاز مەنبەلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ھازىر غەربنىڭ گېزىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىمۇ كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىدىكى بۇ تەبىئىي گازلارنى خىتاينىڭ شەرقىدىكى شاڭخەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە يەتكۈزۈپ، ئاھالە زىچ بۇ جايلارنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىمەكتە شۇنىڭدەك تارىمنىڭ تەبىئىي گازلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنى تەمىنلەش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.