تارىم نېفىتلىكىدە يەنە 2 گاز مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.11.01
2010.11.01
خەۋەردە بۇ ئارقىلىق ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ قىش پەسلىدىكى يېقىلغۇ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بېيجىڭدا چاقىرىلغان شىجاڭ يىغىنىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلغان ئىدى. ئەمما بۇ پىلان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە. ئۇلار بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق نەپ ئالالمايۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ساھەلەردىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، تارىم ئويمانلىقى خىتاينى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەۋاتقان مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ، تارىم نېفىتلىكىدە ھازىرغىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 11 گاز مەيدانىنىڭ زاپاس ئېنېرگىيە مىقدارى بىر تىرىليون كۇپمېتىرغا يېتىدىكەن.
تارىم نېفىتلىكى خىتاينىڭ تەبىئىي گاز سانائىتىنىڭ ئاساسلىق كۈچ مەنبەسى دەپ كۆرسىتىلىۋاتقان بولۇپ، شەرقنىڭ گازىنى غەربكە يەتكۈزۈش پىلانى خىتاينىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولماقتا.