تاتار ياشلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.02.02
2013.02.02
ئامېرىكىدىكى «جەيمېستوۋن ياۋروئاسىيا تەتقىقات مەركىزى» نىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، تاتار ياشلىرى تەشكىللىگەن «ئازادلىق» تەشكىلاتى 2013 - يىلىنى ئالتۇن ئوردا خاقانى - باتۇر خان يىلى قىلىپ خاتىرىلەشنى بېكىتكەن.
باتۇخان موڭغۇل ئىمپېراتور چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى، رۇس ۋە كاۋكازلارنى 250 يىلى سورىغان موڭغۇل ئىمپېرىيىسى تارمىقىدىكى قىپچاق ياكى ئالتۇن ئوردا خانىدانلىقىنىڭ ئەڭ باھادىر ھۆكۈمرانلىرىدىن بىرى.
«ئازادلىق» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى نائىل نابىيۇللىن باتۇخان روھى «تاتارلارنىڭ روھى ۋە مىللىي جاسارىتىنى ئۇرغۇتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
ئەمما، بەزى تاتار زىيالىيلىرى تاتارىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى سەۋەبلىك باتۇخان روھىنىڭ بەك مۇھىم رول ئويناپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.