تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارەت تەكلىپىنى رەت قىلدى

تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ، خىتاي ئاخباراتى شىنخۇانىڭ زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى تەيۋەن ھۆكۈمىتى باياناتچىسى 2 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-11-02
Share

باياناتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ ۋاقتى توغرا كەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇن جىڭپىڭ: "بۇ ھەقتىكى تەكلىپنامىنى پرېزىدېنت قوبۇل قىلمىدى" دېگەن ۋە يەنە، ۋاقت مەسىلىسىنىڭمۇ مەزكۇر تەكلىپنىڭ رەت قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەيۋەن دائىرىلىرى تەيۋەندە تۇرۇشلۇق خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ تەيۋەندە ھەرىكەت قىلىش چەكلىمىسىنى بىر ئاز بوشاتقان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاي مۇخبىرلىرى تەيبېي شەھىرى سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى بولسا تەيۋەن دائىرىلىرىدىن رۇخسەت ئالمىسىمۇ بولىدىكەن.

ما يىڭجۇ ئوتكەن يىلى تەيۋەن پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، خىتايغا مايىل سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن ئىدى. ما يىڭجۇنىڭ خىتاي ئاخباراتىنىڭ زىيارەت تەلىپىنى رەت قىلىشى خىتاي - تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى يەنە بىر قاتار سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتلەرگە توغرا كەلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت