بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، نۇرغۇنلىغان نامايىشچىلار قوللىرىدا "كوممۇنىست خىتايغا قۇچاق ئېچىش، بىر شەرمەندىچىلىك"، "تەيۋەننى قوغدايلى، خىزمىتىمىزنى قوغدايلى" دېگەندەك پلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن. نامايىشچىلار توپى تەيبېي شەھەر كوچىلىرىدا ئايلىنىپ پرېزىدېنت سارىيى ئالدىغا يىغىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشنى تەيۋەن دېموكراتىيە ئىلگىرىلەش پارتىيىسى ئۇيۇشتۇرغان. ئۇلار مەزكۇر سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىشتىن بۇرۇن ئوز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.
تەيۋەن ساقچى دائىرىلىرى نامايىشقا 32 مىڭ ئادەم قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرى نامايىشچىلارنىڭ 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتى ئالدىمىزدىكى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرى بىلەن "ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قۇرۇلما كېلىشىمى" نى ئىمزالىماقچى ئىدى. تەيۋەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە، ئەگەر مەزكۇر كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا تەيۋەن چېگرا بېجىدا ئېتىبارغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، تەيۋەن دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيىسى بۇ كېلىشىمنىڭ تەيۋەنگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.