تەيۋەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ساقلىنىش سىستېمىسى كېلەر يىلى پۈتىدۇ

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى كېلەر يىلى پۈتىدۇ.

تەيۋەن ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان ئالدىن سىگنال بېرىدىغان يىراق مۇساپىلىق رادار سىستېمىسىنى ۋە ۋەتەنپەرۋەر 2، 3 تىپلىق قالقان سىستېمىسىنى ھازىر ئۆزى قوراشتۇرۇۋاتىدۇ. تەيۋەننىڭ ئۆزى ئىجات قىلغان 3‏ - ئەۋلاد باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىمۇ بۇ سىستېما ئاساسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھەربىي تەييارلىقى، كوممۇنىست خىتاينىڭ تەيۋەننى قارىغا ئېلىپ ئورۇنلاشتۇرغان بىر مىڭ بەش يۈز دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.