چىڭخەيدىكى تىبەتلەر ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان راھىپنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى

ئالدىنقى كۈنى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولوگ تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بىر راھىپ، ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. تۈنۈگۈن يەنى 8 - يانىۋار كۈنى، يۈز نەچچىلىگەن تىبەتلەر، ئوبلاستتىكى دارلاگ ساقچىخانىسىغا بېرىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان راھىپنىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلغان. ساقچىلار دەسلەپتە جەسەتنى جامائەتكە تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان. بۇ چاغدا تىبەتلەر ساقچىخانىنىڭ ئىشىك، دېرىزىلىرىنى ئۇرۇپ چاققان؛ نەتىجىدە ساقچىلار، جەسەتنى جامائەتكە قايتۇرۇپ بەرگەن. جىدەل ئارقىلىق جەسەتنى قولغا ئالغان تىبەتلەر، ئۇنىڭدىن كېيىن جەسەتنى كۆتۈرۈپ كوچا ئايلىنىپ نامايىش قىلغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.01.09

رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، نامايىشچىلارنىڭ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنمىغان. بۇ، يېقىنقى ئايلاردىن بېرى تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ 15 - قېتىملىقىدۇر. تىبەتلەر، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۈكۈمىتىگە نىسبەتەن قارشلىقى ۋە ئازادلىققا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىمەكتە. ئەمما تىبەت داھىسى دالاي لاما يېقىنقى بىر سۆزىدە، ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىشنى بىر خىل باتۇرلۇق دەپ مەدھىيىلىگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنە بۇ خىل شەكىلدىكى قارشلىقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەسىر قىلىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا باتۇرلۇقنى ئاقىلانە ئۇسۇلدا ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.