جامفېل يېشىنىڭ دەپنە مۇراسىمى دارامسالادىكى سۇگلاخاڭ ئىبادەتخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ يىل 27 ياشلىق جامفېل يېشى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن بىر نامايىشتا ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىپ، دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. ئېغىر يارىلىنىپ يېڭى دېھلىدىكى بىر دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان جامفېل يېشى چارشەنبە كۈنى جان ئۈزگەن.
ئەگەر سىچۈەندە يەنە ئىككى تىبەت راھىبىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويغانلىقى راست بولسا، يېقىنقى 4-5 كۈن ئىچىدە 4 كىشى ئۆزىگە ئوت قويغان بولىدۇ. جامفېل يېشى ئۆزىگە ئوت قويغان دۈشەنبە كۈنى سىچۈەندىكى كىرتى ئىبادەتخانىسىنىڭ 20 ياشلىق يەنە بىر راھىبى ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ دەل خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېڭى دېھلىنى زىيارەت قىلىپ، برازىلىيە، رۇسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستان قاتارلىق دۇنيادا ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان 5 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن.
خۇ جىنتاۋ چارشەنبە يېڭى دېھلىغا يېتىپ بارغاندا ھىندىستاندىكى تىبەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. بۇ خىل نامايىش جۈمە كۈنى يەنە داۋام قىلغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە تىبەتلەر شۇ كۈنى خۇ جىنتاۋ يېڭى دېھلىدا چۈشكەن مېھمانخانا سىرتىدا نامايىش قىلغان بولۇپ، ھىندىستان ساقچىلىرى نامايىشچى تىبەتلەردىن 5 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.