تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى كىرتي ئىبادەتخانىسى ۋەقەسىگە ئارىلىشىشقا چاقىردى

تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى 23- ئاپرېل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى كىرتي ئىبادەتخانىسىدىكى تىبەت راھىبلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا چاقىرغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتتىن خىتاينى مەزكۇر جايدا قورال ئىشلىتىش ئارقىلىق كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىققا دەۋەت قىلىشقا چاقىرغان.

شتابى دارىمسالغا جايلاشقان تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باياننامىسىدە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كېلەر ھەپتە خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى جەريانىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، پەيشەنبە كۈنى قوراللىق ساقچىلار مەزكۇر ئىبادەتخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، 300 دىن ئارتۇق قارشىلىق كۆرسەتكەن راھىپنى تۇتۇش جەريانىدا ئىككى تىبەت راھىبى ئۆلتۈرۈلگەن. خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بۇ ئىككى ئادەمنىڭ يېشى 60 ۋە 65 ياشلاردا ئىكەن.