1951 ‏- يىلدىكى تىبەت - خىتاي كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، خىتايغا ئۆتۈپ كەتكەن تىبەت سۆھبەت ۋەكىلى ئۆلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت ھۆكۈمىتى ۋە تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لاماغا ۋەكالىتەن 1950 - يىلدىكى تىبەت - خىتاي كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان تىبەت ۋەكىلى، تىبەت ئارمىيىسىنىڭ سابىق قوماندانى ۋە دالاي لاما ئىچكى كابىنېتىنىڭ سابىق ئەزاسى ناپوي ناۋاڭ جىگمې ئۆلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.12.23

خىتايدا "ئافېي ئاۋاڭ جىڭمېي"دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ناپوي ناۋاڭ جىگمې تىبەتلىك بىر ئاقسۆڭەكنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ 1950 ‏- يىلى تىبەت مىللى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ئىدى. شۇ يىلى ناۋاڭ جىگمېنىڭ قوماندانلىقىدىكى تىبەت مىللى قىسىمى تىبەتنىڭ چامدو رايونىدا خىتاي ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشقان. لېكىن ئۇ جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، خىتاي ئارمىيىسىگە تەسلىم بولغان ئىدى.

ئۇ يەنە 1951‏ - يىلى تىبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەتنىڭ ئاپتونومىيە ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، لېكىن تىبەت خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى رايون ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان 17 ماددىلىق كېلىشىمگە ئىمزا قويغان.

مەزكۇر كېلىشىم 1959 ‏- يىلى لخاسادا قوزغىلاڭ پارتلاپ، دالاي لاما ھىندىستانغا قېچىپ چىققاندىن كېيىن بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ناپوي ناۋاڭ جىگمې خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈزلۈكسىز ھەمكارلىشىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت قاتلىمى ھەم خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا مۇھىم رەھبىرىي خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇ چارشەنبە كۈنى 99 يېشىدا ئۆلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.