خىتاي ئىككى تىبەتلىكنى «باشقىلارنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە كۈشكۈرتتى» دەپ قارىلاپ سوتقا تارتتى

خىتاي سوت دائىرىلىرى شەنبە كۈنى ئىككى تىبەتلىكنى «باشقىلارنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە كۈشكۈرتتى» دەپ قارىلاپ «قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى» بىلەن سوتقا تارتتى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.26


خىتاي مەتبۇئاتىغا قارىغاندا لوراڭ كونچوك ۋە ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى لوراڭ تسېرىڭ «8 تىبەتلىكنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە كۈشكۈرتكەن» دەپ قارىلانغان.

2009 - يىلىدىن بۇيان يۈزگە يېقىن تىبەتلىك خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىگە ئوت قويۇپ قارشىلىق كۆرسەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى تىبەت سىياسىتىگە قايتا قاراپ چىقىشنىڭ ئورنىغا، بارلىق گۇناھنى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ۋە دالاي لاماغا دۆڭگىگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئىككى تىبەتلىكنى سوتقا تارتىشىمۇ يەنىلا گۇناھنى باشقىلاردىن ئىزدەش خاھىشىغا ياتىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2009 - يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىمۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا دۆڭگىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.