تۈركمەنىستاندا مۇستەبىتنىڭ ئالتۇن ھەيكىلى ئېلىۋېتىلمەكچى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.01.20
2010.01.20
بۇ ئالتۇن ھەيكەلنى ئېلىپ تاشلاش ئىشى بۇلتۇر 3 - ئايدا ھازىرقى پرېزىدېنت قۇربانگۈل بەردىمۇقامەتوفنىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە بىجىرىلىشكە باشلىغان ئىدى.
خەۋەردە تەسۋىرلىنىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە 'تۆمۈر مۇشتلۇق ھۆكۈمران' دەپ ئاتالغان، ئۆزىنى 'تۈركمەنباشى' دەپ جاكارلىغان تۈركمەنىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى ساپارمۇرات نىيازۇفنىڭ ئالتۇن ھەيكىلى ئېلىپ تاشلىنىۋاتقانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلگەندىن كېيىنمۇ تېخىچە ساقلىنىۋاتقان مۇستەبىتلەرگە چوقۇنۇش ھادىسىلىرى، بۇ دۆلەتتە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.