خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركمەنىستاننىڭ نېفىت-گاز سانائەت مىنىستىرى بايمورات خوجامۇقامەتوف، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نېفىت ۋە تەبىئى گازلىرىنى ئېلىپ ياۋروپاغا قايتا ساتقان رۇسىيە بىلەن يېڭى دۇگۋار تۈزگەندە ئېلان قىلغان باياناتىدا 'بىزنىڭ يېڭى نېفىت - تەبىئى گاز دۇگۋارىمىزدا، خېرىدارلىرىمىزنىڭ قايتا ئېكسپورت قىلىش ھوقۇقى يوقلىقى، بىزگە بېدىك كېرەك ئەمەسلىكى ئېنىق يېزىلىدۇ' دەپ جاكارلىدى.
خىتايمۇ بۇيىل 6 - ئايدا، تۈركمەنىستاننىڭ كېلەر يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 4 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئى گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان تىجارىتىنى باشقا بىر دۆلەتتىن قايرىپ كەتكەن ئىدى.
خوجامۇقامەتوفنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركمەنىستان 2012 - يىلىدىن بۇرۇن يەنە، جەنۇبىي يولوتان ۋە ئوسمان گاز نېفتلىكىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ھازىرقى تۇرۇبا يوللىرىغا قوشماقچى، شۇنىڭ بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىدىغان نېفىت ۋە تەبىئى گاز مەھسۇلاتى 10 مىليارد كۇبمېتىر گە يېتىدىكەن.
