يەكەن ناھىيىسىدە ئۇچۇر-ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قارىتىلغان كونتروللۇق كۈچەيتىلگەن

يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە ئۇچۇر-ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قارىتىلغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.

" قەشقەر ئامانلىق تورى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى 29 -نويابىر، يىللىق مەدەنىيەت بازارلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئەھۋالىنى خۇلاسىلىغان.
بۇنىڭدا، "تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش" ۋە "ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، زۆرۈر تېپىلسا مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش" تەكىتلەنگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا " تۈزەش" كۇتۇپخانا، ئۇن-سىن دۇكانلىرى ۋە تورخانىلارغا قارىتىلىدىكەن.

" تۈزەش" تە ئاساسلىقى قانۇنسىز، نەشر ۋە ئۈن-سىن بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىلگەندىن باشقا، "تورخانىلارنىڭ قانۇن بويىچە سودا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن" تورخانا ئىگىلىرى بىلەن " مەسئۇلىيەتنامە" ئىمزالىنىدىكەن.

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى 2009- يىلىدىكى " 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق تور بەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاقىغان ۋە نۇرغۇن توربەت باشقۇرغۇچىلىرىنى قولغا ئالغان ئىدى.