ئۇيغۇربىز تور بېتى 8 - قېتىم ئېچىلدى

بۇندىن 2 ئاي ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇيرۇق بىلەن تاقالغان uighurbiz.com تور بېتى مۇشۇ ئاينىڭ 2 - كۈنى uighurbiz.net دېگەن نامدا 8 - قېتىم قايتا ئېچىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.06.04

ئۇيغۇر بىز تور بېتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە خەت يېزىپ، تور بېتىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا ئۇيغۇر تور بەتلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن خەۋەر بېرىپ، "ئۇيغۇربىز" تور بېتىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

ئۇيغۇر بىز تور بېتى، خىتايدىكى تور بەتلىرى ئىچىدە ھەققانىيەت تۇيغۇسى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە بىر قەدەر كەڭ مەلۇمات بېرىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ھەم خىتاي يېزىقىدىكى سەھىپىسى بولغان تور بېتى بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بەزى سەزگۈر مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى سەۋەبىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلىنىپ كېلىۋاتقان، كۆپ قېتىم تاقالغان تور بېتى ئىدى.

بۇندىن 2 ئاي ئىلگىرى "ئۇيغۇر بىز" تور بېتىنىڭ ساھىبى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى فرانسىيە سەپىرىدە، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ھەم ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چاغدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بېكىتىلگەن رەئىسى نۇر بەكرىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن "ئۇيغۇر بىز" تور بېتى بۇيرۇق بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 7 - قېتىم تاقالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.