ئۈرۈمچىدە بىر يىلدا يەنە مىڭدىن ئارتۇق ئەيدىز يۇقۇمدارى كۆپەيدى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ 31 - مارت ئېلان قىلغان ئۈرۈمچى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2008 - يىلدا ئۈرۈمچىدىكى تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا يەنە 1087 نەپەر يۇقۇمدار قوشۇلغان بولۇپ بۇ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ 2007 - يىلىغا قارىغاندا %4 دىن ئارتۇق ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.03.31

1995 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغاندىن بۇيان ئەنگە ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى 25615 غا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 9000 نەپەردىن ئارتۇقى ئۈرۈمچىدە ئەنگە ئېلىنغان. ھازىر ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىزلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ %34.5 تىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۈرۈمچى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئۈستىدىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە قابىل بولمىغانلىقتىن،ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ قانداق يوللار بىلەن قايسى دائىرىدە ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز قالماقتا ھەم مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىشقا ئامالسىز ئىكەن.

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى سەھىيە دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە، ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىننىڭ %82 تىن ئارتۇقى ئاساسەن 20 ياشتىن 39 ياشقىچە بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردا ئەر يۇقۇئۇمدارلارنىڭ نىسبىتى ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەپ كېلىۋاتقان بولسا 2007 - يىلىدىن باشلاپ ئاياللارنىڭ نىسبىتىدە چوڭ سان ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتىدىمۇ ئۆرلەش كۆرۈلگەن.

ئۈرۈمچى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە ئۈرۈمچىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتى ئىلگىرىكىدىنمۇ جىددىي بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.