ئۈرۈمچى ئايرودرومى يېنىدىكى بىر زاۋۇتتا پارتلاش يۈز بەردى

25 - سېنتەبىر كۈنى ئاخشىمى ئۈرۈمچى ئايرودرومى يېنىدىكى بىر پلاستىك ماتېرىياللار زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە بۇ ۋەقەدە ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، بىراق زاۋۇتقا يېقىن جايلاشقان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى بىر سائەت ئەتراپىدا خىزمىتىنى توختىتىشقا، 15 ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش - چۈشۈشى كېچىكتۈرۈلۈشكە توغرا كەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.09.26

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۈرەتلىك خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پارتلاش ۋە ئوت يالقۇنىدىن كۆتۈرۈلگەن ئىس - تۈتەكلەر ئاسماننى قاپلىغان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ۋەقەنى كۆزەتكەن.

بۇ قېتىملىق پارتىلاشنىڭ كۆلىمىنىڭ بىر قەدەر زور بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئەمما، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ھازىرغىچە بۇ پارتىلاشنىڭ ئوت ئاپىتىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن نېمە سەۋەبتىن مەزكۇر ۋەقە كېلىپ چىققانلىقى شۇنىڭدەك خىمىيىلىك ماددىلار بار بۇ زاۋۇتتىكى پارتىلاشنىڭ مۇھىتقا ھەمدە كىشىلەرنىڭ تەن - ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.