شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىلدىكى تازىلاش ھەرىكەتلىرى، خېيجاسەن، داۋان ۋە ئىتتىپاق يولى ئولتۇراق رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان. خەۋەردە بۇ "ۋەقە ئېغىر يۈز بەرگەن رايونلاردىكى يوشۇرۇن ئىپلاسلىقلارنى يوقىتىش قەدىمىنى تېزلەتتى" دېيىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارنى " مىللىي كەمسىتىش خاھىشى ئىنتايىن ئېغىر، ھاقارەت خاراكتېرى كۈچلۈك تەشۋىقات " دېدى ۋە بۇ خىلدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە مىللىي ئۆچمەنلىكىنى ئۇلغايتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مەزكۇر رايونلاردا ئۆي ئىجارىسى ئەرزان بولغاچقا، بۇ يەرگە قەشقەر، خوتەن ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن ئىشلەمچىلەر ۋە ئىشسىزلار جىق يىغىلغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى دائىرىلىرى يۇقىرىدىكى ھەرىكەت ئارقىلىق نۆۋەتتە 900 نەپەر ئۆي ئىجارە ئېلىشقا شەرتى توشمايدىغان "تۇرسا بولمايدىغان مېھمان" لارنى ئۈرۈمچىدىن يىراقلاشتۇرغان ۋە 700 نەپەر ئۆي ئىجارىگە بەرگۈچى ج خ ئورگانلىرى تارقاتقان ئۆي ئىجارىگە بېرىش رۇخسەتنامىسىگە ئېرىشكەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، زەھەر سېتىش ۋە چېكىش قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئېغىر بولغاچقا، بۇ رايوننى باشقىلار "ئۈرۈمچىنىڭ يۈزىگە چىققان مەرەز" دەپ ئاتايدىكەن.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قارار ماقۇللاپ، "ئۈرۈمچىدە ئۆي ئىجارىگە بېرىش بەلگىلىمىسى" ۋە "ئاققۇن نوپۇسلارنى تىزگىنلەش" ھەققىدە قارارلارنى ماقۇللىغان ئىدى.
دىلشات رىشتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە ئاقما نوپۇسنى تىزگىنلەش ھەققىدە" ئالغان بەلگىلىمىلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇر كۆچمەن ئىشچىلار ۋە شەھەر ئاتلاپ تېرىكچىلىك قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ نۆۋەت ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاتالمىش تازىلاش ھەرىكىتى بۇنىڭ تىپىك مىسالىكەن.
