ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى بۇ ھەقتە 16 - ئاۋغۇست كۈنى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، رايوندىكى مەكتەپلەردە 1 - سېنتەبىر ئوقۇش باشلىغاندىن باشلاپ، خىتاي ۋە ئاز سانلىق بالىلىرى قول تۇتۇشۇش پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت بىر جۈملە سۆز ئۆگىنىش ھەرىكىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت بىر ھېكايە ئېيتىش، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق سوۋغىسى بېرىش، ھەر مىللەت بالىلىرى ئۆز - ئارا قۇچاقلىشىش، خىتاي بالىلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى ئۆز - ئارا ئائىلىدە مېھمان بولۇشقا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى بەلگىلىگەن.
شۇنداقلا يەنە، مائارىپ تارماقلىرىدىن مەخسۇس خادىم بەلگىلەپ ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىسىغا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چوقۇم يەتكۈزۈش، رابىيە قادىر ۋە چەتئەللەردىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق تەنقىدلەش بىلەن تەڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھەم ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان ئەۋزەل سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش شۇنداقلا بۇ ھەقتە ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە راي سىناش جەدۋىلىنى چوقۇم تارقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقى ئوقتۇرۇلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن پەقەت ئۈرۈمچى شەھىرىدىلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە مەخسۇس مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرسلىكى ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەپتىسىگە ئىككى سائەتتىن كەم بولماسلىق ۋە بۇ دەرسلىكنى مەۋسۇملۈك سىياسىي تەربىيە دەرسلىكى ئېمتىھان سوئالىنىڭ 15 %ىنى ئىگىلەيدىغان ئاساسلىق پەنلەر قاتارىغا كىرگۈزۈشنى بېكىتكەن.