ئۇيغۇر دىيارىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ئېغىرلاشماقتا

شىنخۇا ئاگېنلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك ئەھۋالى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلاشماقتا.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.02.05

ئۇيغۇر رايونلۇق زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى باشلىقىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، 2009 - يىلىمۇ زەھەر ئەتكەسچىلىك ۋەقەلىرى ئېغىر دەرىجىدە سادىر بولغان بولۇپ، بىر يىلنىڭ ئۆزىدە ئېنىقلانغان ۋەقە 1480 قېتىم، قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەر مىقدارى 59 مىڭ گرام ئىكەن. قولغا چۈشكەن جىنايەت گۇماندارى 1795 كىشى ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، "ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك" ۋە "ئالتۇن ھىلال ئاي" دەپ ئاتىلىدىغان ئاساسلىق زەھەر مەنبەلىرى ھازىر ئۇيغۇر دىيارىغا كەڭ كۆلەملىك ھالدا ۋە شۇنداقلا تېخىمۇ يېڭى ئۇسۇللار بىلەن زەھەر يۆتكەۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ئافغانىستاندىكى "ئالتۇن ھىلال ئاي" زەھەر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ دۇنيادىكى چوڭ زەھەر ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا ئايلىنىشى ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئاسىيا قىتئەلىرىگە تۇتاشقان زەھەرلىك چېكىملىك توشۇش يولىنىڭ بىرىنچى ئۆتكىلى ئۇيغۇر ئېلى بولغاچقا، ئۇيغۇر ئېلى ھەم ئۇيغۇرلار "ئالتۇن ھىلال ئاي"نىڭ ئەڭ زور زىيىنىغا ئۇچرىغان، يەنى بۇ دىيار "ئالتۇن ھىلال ئاي"دىن زەھەر كىرىدىغان ۋە يەنە ئىستىمال قىلىنىدىغان جايغا ئايلانغان.

ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ھادىسىسى ئېغىرلاۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ كىشىنى چۆچۈتىدىكەن.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىگە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ تەسىرى رەسمىي كۆرۈلگەن 10 يىلدىن بۇيان زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلار ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەشتە ئاساسلىق كۈچىنى يەنىلا زەھەر چەككۈچىلەرنى تۇتۇش ۋە ۋاقىتلىق تىزگىنلەشكە قارىتىپ، زەھەرنىڭ كىرىش مەنبەسى ۋە تارقىلىشىنى چەكلەشكە سەل قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.