يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر خىتايغا ئېلىپ كېتىلدى

قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كىتىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-05-25
Share

قەشقەر خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، 400 نەپەر ئۇيغۇر ياش 21 - ماي پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرىگە جايلاشقان شۈرى خەلقئارا چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەشكە ئېلىپ مېڭىلغان.

شۇرى شىركىتى ئويۇنچۇق، كىيىم - كېچەك ۋە چامادان قاتارلىق بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، شىركەت ئىشچى قوبۇل قىلىش ئېلانىغا قارىغاندا، ئىشچىلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئاز بولغاندا 24 يۈەن خىتاي پۇلى ئەتراپىدا بولىدىكەن.

يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش" نامىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر قىزلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىشچىلار قوشۇنىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، رادىئومىز ئىگىلىگەن بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قىزلار خىتاي زاۋۇتلىرىدا ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە يولۇقماقتا ئىكەن.

قەشقەر خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە يەنە، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىن 8 - تۈركۈم خىتاي شەھەرلىرىگە ئېلىپ مېڭىلىدىغان ئىشلەمچىلەر تەييارلىنىپ بولغان.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت