ئۇيغۇر ساقچى باشلىقى خىتاينىڭ دىنىي چەكلەش سىياسەتلىرىنى ئاقلىدى

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلەش سىياسەتلەرنى ئاقلىدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.11.14


«جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر پوچتىسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىن جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كۈرەش كەنجى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىگە چەك قويۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىنى بىر «قالاقلىق» دەپ سۈرەتلىگەن كۈرەش كەنجى مۇنداق دېدى: كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يوسۇندا كىيىنىشىنى چەكلىمىدۇق. بىز ھازىر بىر زامانىۋى جەمئىيەتتە ياشاۋاتىمىز. شۇڭا زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق قالاق مەدەنىيەتنى يېتەكلەشنى ئارزۇ قىلمىز.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قەشقەر ۋە خوتەندىكى بىرى قىسىم سودا سارايلىرى دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن، يۈزىنى ئورىغان ئاياللارنى، ساقال قويغان ئەرلەرنى سودا سارايلىرىغا كىرگۈزمەيدىغانلىقى ئېلان قىلغان. بىر قىسىم بانكىلار دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن كىشىلەرگە مۇلازىمەت قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

كۈرەش كەنجى بۇلارنى تىلغان ئالمىغان ۋە قانداق مەدەنىيەتنىڭ «قالاق مەدەنىيەت» كاتېگورىيىسىگە ياتىدىغانلىقىنى شەرھلىمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.