2009 - يىلىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتى يەنىمۇ ئېغىرلاشتى

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ2009 - يىللىق ئەيدىز ئەھۋالى يەنىمۇ ئېغىرلاشقان. ئۈرۈمچى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىل ئوخشاش مەزگىلگە قارىغاندا 27 پىرسەنت ئاشقان.

بۇنى جۇڭگو قىزىل كرىست جەمئىيىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مېھىر - شەپقەت قۇرۇلۇشى 24 چېسلا ئۈرۈمچىدە ئېلان قىلغان بولۇپ، 2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىلغان سىتاتىستىكا نەتجىسىدىن قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا تىزىملاتقان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى 25694 نەپەر ئىكەن. كېسەل قوزغالغانلار 3083، ئۆلگەنلەر بولسا 1720 نەپەر بولۇپ، يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بويىچە خىتايدا 4 - ئورۇندا تۇرىدىكەن.

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھازىر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 13.0 پىرسەنت ئىكەن. بۇ رەقەم پۈتۈن خىتاي ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 05.0 پىرسەنتلىك سەۋىيسىدىنمۇ يۇقىرى بولغان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇس نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، خىتاي بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 60 مىڭ كىشى دەپ تەخمىن قىلىنىماقتا ئىكەن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى دەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارادىكى سەھىيە ۋە ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە تۇتقان پوزىتىيىسنى تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئىنكاسلارمۇ بۇنى توغرىلىماقتا.