بۈگۈنكى زەھەرلىك سۇت پاراشوك ھەققىدىكى خەۋەرلەردە، ئۇيغۇر رايونىدىمۇ سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشۇكتىن زەھەرلەنگەن 86 بالا بايقالغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەپىرى ئۆلگەن. بۇ ئۇچۇر، سەھىيە نازارىتىنىڭ بۈگۈن يەنى 18 - سېنتەبىر كۈنى كەچ سائەت بەشكە قەدەر بولغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولۇپ، تەكشۈرۈش داۋام قىلماقتا. ھازىرغا قەدەر بايقالغان زەھەرلەنگۈچىلەرنىڭ بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغانلىقى ئېنىقلانغان.
ئالاقىدار كەسپىي تارماقلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى، سۈت پاراشوكىنىڭ ئاقسىل تەركىۋىنى يۇقىرى كۆرسىتىش مەقسىتىدە نامۇۋاپىق ھالدا مەھسۇلاتلىرىغا مېلامىن ناملىق خىمىيىۋىي ماددىنى ئىشلەتكەن. ئەسلىدە مېلامىن خىمىيىۋىي ئوغۇت ۋە پلاستىك ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىشتا قوللىنىلىدىغان ماددا ئىكەن.
نۆۋەتتە، ئانسىكلوپىدىلەر، خىتاي سۈت پاراشوك فابرىكىلىرىنىڭ مېلامىن ئىشلەتكەنلىكىنى يالغان ئاقسىل پەيدا قىلىش ۋەقەسى دەپ خاتىرىلىمەكتە.