ۋاڭ لېچۈەن خىتاينىڭ تۈركىيىدىكى باش ئەلچىسى گۇڭ شاۋشىڭ بىلەن پىنھان ئۇچراشقان

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈلنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن خىتاينىڭ تۈركىيىدىكى باش ئەلچىسى گۇڭ شاۋشىڭ، تۈركىيە پرېزىدېنتىنى يولغا سېلىپ قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن بىلەن پىنھان ئۇچراشقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.07.01

شىنجاڭ ئاخبارات تورى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەرەپلەر سەيشەنبە كۈنى ئۇچراشقان بولۇپ، ۋاڭ لېچۈەن "تۈركىيە بىلەن 'شىنجاڭ' نىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ - ئادەت جەھەتلەردە يېقىنچىلىقى بارلىقى.... شىنجاڭ بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى تاشقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىنمىسى جەھەتلەردە ئىلگىرىلەپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك، كۆپ قاتلاملىق ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش"نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گۇڭ شاۋشىڭ بولسا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ "شىنجاڭ" پارتكومى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئالاقە ۋە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ بېرىدىغانلىقى، مۇقىملىقنى ۋە تەرەققىياتنى قوغدايدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل يېقىندا بىر ھەپتىلىك خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋە ۋاڭ لېچۈەننى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇللا گۈلنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى . ئۇ، ئۈرۈمچىدىكى بىر قېتىملىق سۆزىدە ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم بىر ئامىل، دېگەن. لېكىن گۈلنىڭ خىتايلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى تۈركىيە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ياكى قويمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.